8
8-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىنسان بالىسىغا بولغان ئۇلۇغ پىلانى 
 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ 
ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، 
پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر!□  ««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز. 
 2 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، 
دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، 
بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن.■ مات. 21:16 
 3 مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، 
سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، 
 4 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، 
ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ 
سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، 
ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟■ ئايۇپ 7:17؛ زەب. 144:3؛ ئىبر. 2:6 
 5 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، 
سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ.□  «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن». 
 6 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ 
سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن،■ 1كور. 15:27 
 7 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، 
دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، 
 8 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، 
دېڭىزدىكى بېلىقلار، 
دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. 
 9 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! 
□8:1 ««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز.
■8:2 مات. 21:16
■8:4 ئايۇپ 7:17؛ زەب. 144:3؛ ئىبر. 2:6
□8:5 «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن».
■8:6 1كور. 15:27