134
134-كۈي •••• ئىبادەت 
 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» 
مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، 
ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، 
پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى! 
 2 مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 
 3 ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!□  «...پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» (1-ئايەت) ھەم «بەرىكەتلەش» دېگەنلەر بىرلا سۆز («باراك») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 
□134:3 «...پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» (1-ئايەت) ھەم «بەرىكەتلەش» دېگەنلەر بىرلا سۆز («باراك») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.