29
 1 قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، 
تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار. 
 2 ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، 
قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر.
■  3 دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ 
بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار.
■  4 پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ 
بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار.
□  5 ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، 
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر. 
 6 رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ 
بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار. 
 7 ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ 
بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس.
■  8 ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ 
بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار. 
 9 دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، 
ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس. 
 10 قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ 
دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر.
□  11 ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ 
بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار.
■  12 ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، 
ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس. 
 13 گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ 
ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.
□  ■  14 يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، 
تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار.
■  15 تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ 
بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.
■  16 يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ 
لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر.
■  17 ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ 
 18  پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ 
لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر.
□  19 قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ 
ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس. 
 20 ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ 
ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر.
■  21 كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، 
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار.
□  22 تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ 
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.
■  23 مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، 
بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر.
■  24 ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ 
ئۇ سوراقچىنىڭ 
گۇۋاھ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس.
□  ■  25 ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ 
بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر.
□  26 كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ 
بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر.
■  27 ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ 
دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر.