26
26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش 
 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ 
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 
چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ 
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ 
مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن.□  «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».  ■ زەب. 7:8 
 2 مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ 
ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛□  «ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 
 3 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ 
مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. 
 4 مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ 
ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن.■ ئايۇپ 31:5؛ زەب. 1:1 
 5 يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ 
رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. 
 6 قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ 
شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. 
 7 ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ 
بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. 
 8 ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، 
شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ 
 9 جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، 
ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ 
 10 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، 
ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. 
 11 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ 
مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، 
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.□  «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. 
 12 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ 
جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن. 
□26:1 «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».
■26:1 زەب. 7:8
□26:2 «ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■26:4 ئايۇپ 31:5؛ زەب. 1:1
□26:11 «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.