34
34-كۈي •••• خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا مەدھىيە •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
(داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان)
 
|א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛
ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.□ « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن» ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش».  ■ 1سام. 21‏:13
2 |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ،
مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ.
3 |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار،
بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى.
4 |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم،
ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى،
مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى.
5 |ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛
|ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى.
6 |ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى،
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى.
7 |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ،
ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.□ ««پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى»» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بەزى ئىشلاردا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 7:16-14، 18-بابنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).
8 |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن،
ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
9 |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار!
چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس.
10 |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ،
ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.■ ئايۇپ 4‏:11
11 |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي.
12 |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟
كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟■ 1پېت. 3‏:10
13 |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر،
لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
14 |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛
ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.□ «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».
15 |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ،
ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛■ ئايۇپ 36‏:7؛ زەب. 33‏:18؛ 1پېت. 3‏:12
16 |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار،
ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛
17 |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ،
پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛
18 |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر،
روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.□ «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.  ■ 2تىم. 3‏:11
19 |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛
بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.■ 2تىم. 3‏:12
20 |ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ،
ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ.■ يـۇھ. 19‏:36
21 |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛
ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ.
22 |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛
ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.□ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ» ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
 
 

□34:1 « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن» ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش».

■34:1 1سام. 21‏:13

□34:7 ««پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى»» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بەزى ئىشلاردا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 7:16-14، 18-بابنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).

■34:10 ئايۇپ 4‏:11

■34:12 1پېت. 3‏:10

□34:14 «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».

■34:15 ئايۇپ 36‏:7؛ زەب. 33‏:18؛ 1پېت. 3‏:12

□34:18 «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

■34:18 2تىم. 3‏:11

■34:19 2تىم. 3‏:12

■34:20 يـۇھ. 19‏:36

□34:22 «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ» ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.