54
54-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا قىلغان دۇئا 
 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان): 
ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 
زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. □  «زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.  ■ 1سام. 23:19-28؛ 26:1 
 2 ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ 
ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن. 
 3 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ 
زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ 
ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. 
 4 قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ 
رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. 
سېلاھ. 
 5 ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ 
ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن. 
 6 مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ 
نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 
 7 چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ 
دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم. 
□54:1 «زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.
■54:1 1سام. 23:19-28؛ 26:1
□54:3 «يات ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى» ــ ياكى «تەكەببۇر ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى».
□54:6 «مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن» ــ «خالىس قۇربانلىقلار»: مۇسا پەيغەمبەر تۈزگەن نىزام بويىچە، «خالىس قۇربانلىق» خۇدانىڭ كۆرسەتكەن مەلۇم ئىلتىپاتى ياكى شەپقىتى ئۈچۈن رەھمەتلەرنى بىلدۈرىدىغان بىرخىل قۇربانلىق.