56
56-كۈي •••• زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى 
 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ 
ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، 
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ 
كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛■ 1سام. 21:12،13،14 
 2 مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ 
ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر! 
 3 مەن قورققان كۈنۈمدە، 
مەن ساڭا تايىنىمەن. 
 4 مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، 
خۇداغىلا تايىنىمەن؛ 
مەن قورقمايمەن؛ 
ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 
 5 ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، 
ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛ 
 6 ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ 
پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ. 
 7  گۇناھ بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ 
غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا! 
 8 مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ 
كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ 
بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟ 
 9 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، 
دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ 
مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر! 
 10 خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! 
پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! 
 11 خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ 
مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟■ زەب. 118:6 
 12 ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ 
ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن. 
 13 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ 
سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ 
شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن.