100
100-كۈي •••• پۈتكۈل يەر يۈزى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ياڭرىتىڭلار! 
 1 تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ 
ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! 
 2 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، 
ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! 
 3 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ 
بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! 
بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، 
ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز.□  «بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز».  ■ زەب. 95:6-7؛ ئەز. 34:30، 31 
 4 دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، 
ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ 
ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 
 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ 
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، 
ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!