122
122-كۈي •••• يېرۇسالېمنىڭ بەختىدىن خۇشال بولۇش 
 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» 
ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە، 
شادلاندىم. 
 2 پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم! 
 3 ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛ 
 4 قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ، 
ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛ 
ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە، 
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ.□  «قەبىلىلەر.. . ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە... چىقىدۇ» ــ بۇ يوليورۇق-كۆرسەتمە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. ھېيت كۈنلىرىدە (يىلدا ئۈچ قېتىم) ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەركەكلىرى (قىز-ئاياللار ئىختىيارەن) يېرۇسالېمغا چىقىپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك ئىدى. 
 5 چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى، 
داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى. 
 6 يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛ 
سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ.□  «يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يېرۇشالوم»نىڭ «شالوم»ى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار». «شالوم» «تىنچ-ئامانلىق»، «يېرۇشالوم» بولسا «تىنچ-ئامانلىق شەھەر» دېگەن مەنىدە (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، ئەرەب تىلىدا «سالام»). 
 7 ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن، 
ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن! 
 8 قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، 
مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن. 
 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن، 
سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن! 
□122:4 «قەبىلىلەر.. . ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە... چىقىدۇ» ــ بۇ يوليورۇق-كۆرسەتمە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. ھېيت كۈنلىرىدە (يىلدا ئۈچ قېتىم) ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەركەكلىرى (قىز-ئاياللار ئىختىيارەن) يېرۇسالېمغا چىقىپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك ئىدى.
□122:6 «يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يېرۇشالوم»نىڭ «شالوم»ى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار». «شالوم» «تىنچ-ئامانلىق»، «يېرۇشالوم» بولسا «تىنچ-ئامانلىق شەھەر» دېگەن مەنىدە (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، ئەرەب تىلىدا «سالام»).