137
137-كۈي •••• بابىلدا سۈرگۈن بولۇشنىڭ دەرد-ئەلىمى 
 1 بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛ 
زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛ 
 2 چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق. 
 3 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛ 
بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ 
«ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى.■ زەب. 79:1 
 4 ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟ 
 5 ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام، 
ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!□  «ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!» ــ ياكى «ئوڭ قولۇمنى ئۇنتۇغان بولسام!». 
 6 سېنى ئەسلىمىسەم، 
ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ 
تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن! 
 7 ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛ 
چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار، 
ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى.■ يەر. 49:7؛ ئەز. 25:12 
 8 ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، 
بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر!■ يەر. 50:15،29؛ ۋەھ. 18:6 
 9 بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!