11
11-كۈي •••• «قېنى، قاچمامسەن؟»
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي:
 
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛
ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ!
2 چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ،
قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ،
ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛
3 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،
ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟□ «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..» ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
4 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر،
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛
ئۇ نەزەر سالىدۇ،
ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ.□ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ» ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى».
5 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛
رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
6 ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛
پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ.□ «پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ» ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.
7 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛
كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ.
 
 

□11:3 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..» ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

□11:4 «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ» ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى».

□11:6 «پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ» ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.