100
100-كۈي •••• پۈتكۈل يەر يۈزى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ياڭرىتىڭلار!
1 تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
 
ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
2 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار،
ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار!
3 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛
بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!
بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز،
ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز.□ «بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز».  ■ زەب. 95‏:6-7؛ ئ‍ەز. 34‏:30، 31
4 دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن،
ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛
ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!
5 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە،
ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!
 
 

□100:3 «بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز».

■100:3 زەب. 95‏:6-7؛ ئ‍ەز. 34‏:30، 31