141
141-كۈي •••• رەزىللىك بىلەن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدۇ
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛
يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛
ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن.
2 دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن،
قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.□ «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن» ــ ياكى «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەدەك قوبۇل بولسۇن» ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار كەچلىك قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنۇشتىن ئاۋۋال، قولى بىلەن شۇ قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى خۇدا ئالدىدا كۆتۈرەتتى.  ■ مىس. 29‏:30؛ ۋەھ. 5‏:8؛ 8‏:3
3 ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛
4 كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن.
مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن!
5 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ
بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛
ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ
بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ.
چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.□ «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم ئۇلارغا (رەزىللەرگە) كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق» ھەم «كۈلپەت» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ).
6 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە،
خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛
چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.□ «خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر» ــ «شېرىن» بەلكىم مۇشۇ يەردە «جايىدا، ئورۇنلۇق» دېگەن مەنىدە.
7 بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك،
مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛□ «بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى» ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مۇشۇ سۆز ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، چۈشىنىش تەس.  ■ ئ‍ەز. 37‏:1،11،12
8 بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛
ساڭا تايىنىمەن؛
جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن.
9 ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛
10 رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن،
مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن.
 
 

□141:2 «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن» ــ ياكى «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەدەك قوبۇل بولسۇن» ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار كەچلىك قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنۇشتىن ئاۋۋال، قولى بىلەن شۇ قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى خۇدا ئالدىدا كۆتۈرەتتى.

■141:2 مىس. 29‏:30؛ ۋەھ. 5‏:8؛ 8‏:3

□141:5 «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم ئۇلارغا (رەزىللەرگە) كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق» ھەم «كۈلپەت» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ).

□141:6 «خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر» ــ «شېرىن» بەلكىم مۇشۇ يەردە «جايىدا، ئورۇنلۇق» دېگەن مەنىدە.

□141:7 «بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى» ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مۇشۇ سۆز ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، چۈشىنىش تەس.

■141:7 ئ‍ەز. 37‏:1،11،12