تېسالونىكالىقلارغا «2»
1
روسۇل پاۋلۇس تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ
1 مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام.□ «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام» ــ «تېسالونىكا شەھىرى» ــ قەدىمكى گرېتسىيەدىكى بىر شەھەر ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى نامى «سالونىكا» بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدە. 2 خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي!■ 1كور. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:1؛ 1پېت. 1‏:2.
 
ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىكى رىغبەت-تەسەللى
3 سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا.□ «سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ...، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا» ــ پاۋلۇسنىڭ بىرىنچى خېتىدىكى دۇئاسى ھەم ئۆتۈنۈشلىرى ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ «1تېس.» 12:3، 10:4نى كۆرۈڭ.  ■ ئ‍ەف. 1‏:15؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2. 4 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛■ 1تېس. 2‏:19. 5 بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛□ «بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر» ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشلىرى ھەم تېسالونىكادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
  ■ 1تېس. 2‏:14؛ يەھ. 6. 6‏-7 شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟■ زەك. 2‏:12؛ 1تېس. 4‏:16. 8 شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ.□ «شۇ چاغدا ئۇ (مەسىھ) خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ» ــ «يەر.» 25:10، «زەب.» 6:79 ۋە «يەش.» 15:66نى كۆرۈڭ.  ■ يەر.» 10‏:25؛ زەب. 79‏:6؛ يەش. 66‏:15؛ رىم. 2‏:8؛ 2پېت. 3‏:7. 9 بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. □ «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ» ــ ياكى بولمىسا: «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇردىن بولغان مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ».  ■ يەش. 2‏:19. 10 ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ.□ «ئۇ (مەسىھ) ... شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە ... ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ» ــ «ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بۇ بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
«ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىدە... ئىشەنگەنلەردە...». بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: (1) «رەب ئەيسانىڭ گۈزەللىكى ۋە پەزىلىتى ئۆز بەندىلىرى، يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ» ۋە: (2) «ئۇنىڭ بۇ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە، يەنى ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئالەمگە كۆرۈنىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك.
  ■ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.
11 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز ئۇلۇغ چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 12 شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر.
 
 

□1:1 «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام» ــ «تېسالونىكا شەھىرى» ــ قەدىمكى گرېتسىيەدىكى بىر شەھەر ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى نامى «سالونىكا» بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدە.

■1:2 1كور. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:1؛ 1پېت. 1‏:2.

□1:3 «سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ...، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا» ــ پاۋلۇسنىڭ بىرىنچى خېتىدىكى دۇئاسى ھەم ئۆتۈنۈشلىرى ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ «1تېس.» 12:3، 10:4نى كۆرۈڭ.

■1:3 ئ‍ەف. 1‏:15؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2.

■1:4 1تېس. 2‏:19.

□1:5 «بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر» ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشلىرى ھەم تېسالونىكادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

■1:5 1تېس. 2‏:14؛ يەھ. 6.

■1:6‏-7 زەك. 2‏:12؛ 1تېس. 4‏:16.

□1:8 «شۇ چاغدا ئۇ (مەسىھ) خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ» ــ «يەر.» 25:10، «زەب.» 6:79 ۋە «يەش.» 15:66نى كۆرۈڭ.

■1:8 يەر.» 10‏:25؛ زەب. 79‏:6؛ يەش. 66‏:15؛ رىم. 2‏:8؛ 2پېت. 3‏:7.

□1:9 «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ» ــ ياكى بولمىسا: «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇردىن بولغان مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ».

■1:9 يەش. 2‏:19.

□1:10 «ئۇ (مەسىھ) ... شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە ... ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ» ــ «ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بۇ بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىدە... ئىشەنگەنلەردە...». بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: (1) «رەب ئەيسانىڭ گۈزەللىكى ۋە پەزىلىتى ئۆز بەندىلىرى، يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ» ۋە: (2) «ئۇنىڭ بۇ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە، يەنى ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئالەمگە كۆرۈنىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك.

■1:10 روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.