10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
 
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.■ پەند. 15‏:20
2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.■ پەند. 11‏:4
3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.□ «ھۇرۇنلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». «ئىشچانلىق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى».  ■ پەند. 12‏:24
5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.□ «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».
7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.■ پەند. 10‏:10
9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر،
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.□ «ھاياتلىق بۇلىقى» ــ بەلكىم «ئېرەن باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».  ■ پەند. 10‏:6؛ 13‏:14
12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.■ 1كور. 13‏:7؛ 1پېت. 4‏:8
13 ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.■ پەند. 20‏:30
14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار،
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.□ «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر» ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».
17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.□ «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».
19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس،
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.□ «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». «ياماننىڭ ئويلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».
21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.
23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.□ «يورۇتۇلغان» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە.  ■ پەند. 14‏:9
24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك،
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك،
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.□ «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».
27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.■ پەند. 9‏:11
28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.■ ئايۇپ 8‏:13،14؛ 11‏:20؛ زەب. 112‏:10
29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.■ پەند. 13‏:6
30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.
31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.
32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.
 
 

■10:1 پەند. 15‏:20

■10:2 پەند. 11‏:4

□10:4 «ھۇرۇنلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». «ئىشچانلىق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى».

■10:4 پەند. 12‏:24

□10:6 «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».

■10:8 پەند. 10‏:10

□10:11 «ھاياتلىق بۇلىقى» ــ بەلكىم «ئېرەن باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».

■10:11 پەند. 10‏:6؛ 13‏:14

■10:12 1كور. 13‏:7؛ 1پېت. 4‏:8

■10:13 پەند. 20‏:30

□10:16 «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر» ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».

□10:18 «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».

□10:20 «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». «ياماننىڭ ئويلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».

□10:23 «يورۇتۇلغان» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە.

■10:23 پەند. 14‏:9

□10:26 «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».

■10:27 پەند. 9‏:11

■10:28 ئايۇپ 8‏:13،14؛ 11‏:20؛ زەب. 112‏:10

■10:29 پەند. 13‏:6