2
ساغلام تەلىمگە لايىق ياشاش
1 لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. 2 ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. 3 شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. ■ 1تىم. 2‏:9؛ 5‏:13؛ 1پېت. 3‏:3. 4‏-5 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. ■ يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1پېت. 3‏:1.
6 شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. 7 ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ■ 1تىم. 4‏:12؛ 1پېت. 5‏:3. 8 ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ. ■ 1پېت. 2‏:12،15؛ 3‏:16.
9 قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، ■ ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1، 2؛ 1پېت. 2‏:18. 10 ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ. □ «... ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئېتىقادنىڭ ھەر جەھەتتە ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن».
11 چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ 12 ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، ■ ئ‍ەف. 1‏:4. كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ 1يۇھ. 2‏:16. 13 ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ.□ «ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ» ــ تولۇق 12-13-ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭ بىلەن مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز».  ■ 1كور. 1‏:7؛ فىل. 3‏:20. 14 ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. □ «ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى» ــ تەۋرات، «زەب.» 8:130، «ئەز.» 23:37، «قان.» 2:14نى كۆرۈڭ.  ■ گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 2‏:10؛ 5‏:2؛ ئىبر. 9‏:14.
15 بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. ■ 1تىم. 4‏:12.
 
 

■2:3 1تىم. 2‏:9؛ 5‏:13؛ 1پېت. 3‏:3.

■2:4‏-5 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1پېت. 3‏:1.

■2:7 1تىم. 4‏:12؛ 1پېت. 5‏:3.

■2:8 1پېت. 2‏:12،15؛ 3‏:16.

■2:9 ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1، 2؛ 1پېت. 2‏:18.

□2:10 «... ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئېتىقادنىڭ ھەر جەھەتتە ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن».

■2:12 ئ‍ەف. 1‏:4. كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ 1يۇھ. 2‏:16.

□2:13 «ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ» ــ تولۇق 12-13-ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭ بىلەن مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز».

■2:13 1كور. 1‏:7؛ فىل. 3‏:20.

□2:14 «ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى» ــ تەۋرات، «زەب.» 8:130، «ئەز.» 23:37، «قان.» 2:14نى كۆرۈڭ.

■2:14 گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 2‏:10؛ 5‏:2؛ ئىبر. 9‏:14.

■2:15 1تىم. 4‏:12.