24
ياخشى ئەنجۈرلەر، يامان ئەنجۈرلەر
1 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ، يەھۇدا ئەمىر-شاھزادىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنى «مانا كۆر» دەپ كۆرسەتكەن. ■ 2پاد. 24‏:15؛ 2تار. 36‏:10 2 بىر سېۋەتتە دەسلەپكى پىشقان ئەنجۈردەك ئىنتايىن ياخشى ئەنجۈرلەر بار ئىدى؛ ئىككىنچى سېۋەتتە يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر بار ئىدى. 3 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «نېمە كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟» ــ دەپ سورىدى. مەن: «ئەنجۈرلەرنى كۆردۈم؛ ياخشىلىرى بولسا ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ناچارلىرى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئىكەن» ــ دېدىم. 4 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
5 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدادىن سۈرگۈن بولغانلارنى، يەنى مېنىڭ بۇ يەردىن كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئەۋەتكەنلىرىمنى بۇ ياخشى ئەنجۈرلەردەك ياخشى دەپ قارايمەن؛ 6 مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن. 7 مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ. ■ قان. 30‏:6؛ يەر. 30‏:22؛ 31‏:33؛ 32‏:38،39؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26،27 8 لېكىن ناچار ئەنجۈرلەر، يەنى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر قانداق بولغان بولسا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق، مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، ئەمىر-شاھزادىلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قالغان قىسمىنى، بۇ زېمىندا قالغانلارنى ۋە مىسىردا تۇرۇۋاتقانلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن؛ ■ يەر. 29‏:17 9 مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردا ئۇلارنى رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى، سۆز-چۆچەك، تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى ۋە لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا تاپشۇرىمەن. □ «مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ئۇلارنى ھەرياق-ھەرياقلارغا يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدىلىشكە، بالايىئاپەت چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن....»  ■ قان. 28‏:25،37؛ 1پاد. 9‏:7؛ 2تار. 7‏:20؛ يەر. 15‏:4؛ 29‏:18؛ 34‏:17؛ 42‏:18 10 مەن ئۇلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىندىن يوقىتىلغۇچە ئۇلار ئارىسىغا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابانى ئەۋەتىمەن.
 
 

■24:1 2پاد. 24‏:15؛ 2تار. 36‏:10

■24:7 قان. 30‏:6؛ يەر. 30‏:22؛ 31‏:33؛ 32‏:38،39؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26،27

■24:8 يەر. 29‏:17

□24:9 «مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ئۇلارنى ھەرياق-ھەرياقلارغا يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدىلىشكە، بالايىئاپەت چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن....»

■24:9 قان. 28‏:25،37؛ 1پاد. 9‏:7؛ 2تار. 7‏:20؛ يەر. 15‏:4؛ 29‏:18؛ 34‏:17؛ 42‏:18