142
142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا
1 داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ
 
مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛□ «داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....» ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان.
2 ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛
ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
3 روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا،
شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.■ زەب. 77‏:3
4 ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛
ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛
پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛
ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.
5 مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛
ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.■ زەب. 16‏:5
6 مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛
مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.■ زەب. 41‏:2؛ 79‏:8؛ 116‏:6
7 سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن،
جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛
ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛
چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.
 
 

□142:1 «داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....» ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان.

■142:3 زەب. 77‏:3

■142:5 زەب. 16‏:5

■142:6 زەب. 41‏:2؛ 79‏:8؛ 116‏:6