15
«يەتتە چىنە» ــ ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت
1 ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).■ ۋەھ. 11‏:14.
 
2 مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ،■ ۋەھ. 4‏:6؛ مىك. 7‏:18. 3 ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ
 
«ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ،
ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر،
ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى!■ زەب. 111‏:2؛ 139‏:14؛ 145‏:17.
4 ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان،
نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟
چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛
بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ،
ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛
چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».□ «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10.  ■ يەر. 10‏:7.
 
5 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى!□ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك.  ■ ۋەھ. 11‏:19. 6 يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.■ ۋەھ. 1‏:13. 7 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. □ «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12.  ■ مىس. 40‏:34؛ 1پاد. 8‏:10؛ يەش. 6‏:4.
 
 

■15:1 ۋەھ. 11‏:14.

■15:2 ۋەھ. 4‏:6؛ مىك. 7‏:18.

■15:3 زەب. 111‏:2؛ 139‏:14؛ 145‏:17.

□15:4 «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10.

■15:4 يەر. 10‏:7.

□15:5 «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك.

■15:5 ۋەھ. 11‏:19.

■15:6 ۋەھ. 1‏:13.

□15:8 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12.

■15:8 مىس. 40‏:34؛ 1پاد. 8‏:10؛ يەش. 6‏:4.