18
ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟
مار. 9‏:33-37؛ لۇقا 9‏:46-48
بۇ چاغدا، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:
ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ ــ دەپ سورىدى. مار. 9‏:34؛ لۇقا 9‏:46؛ 22‏:24.
ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. مات. 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2. ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. «ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ» ــ «كىچىك بالىلار» ئادەتتە چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى بىلەرمەن قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ۋە بەلكىم ھەممىدىن مۇھىم ئاتىسىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز ئىشىنىدۇ.   1پېت. 5‏:6. بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مار. 9‏:37؛ لۇقا 9‏:48؛ يـۇھ. 13‏:20. لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. مار. 9‏:42؛ لۇقا 17‏:2. ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! «ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.   مات. 26‏:24؛ روس. 2‏:23؛ 4‏:27،28؛ 1كور. 11‏:19.
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. قان. 13‏:7؛ مات. 5‏:29،30؛ مار. 9‏:43.
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
 
ئازغان قوي توغرىسىدىكى تەمسىل
10 ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. زەب. 34‏:7؛ لۇقا 15‏:3-7 11 چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى. «چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى» ــ بۇ ئايەت بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.   لۇقا 19‏:10.
12 قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ لۇقا 15‏:3. 13 ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ. 14 شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر.
 
گۇناھ ئۆتكۈزگەن قېرىنداشقا بولغان مۇئامىلە
لۇقا 17‏:3
15 ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى ئېزىشتىن قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. لاۋ. 19‏:17؛ پەند. 17‏:10؛ لۇقا 17‏:3؛ ياق. 5‏:19. 16 لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى گۇۋاھچىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. «ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن» ــ بۇ سۆز «قان.» 15:19دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.   چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ يـۇھ. 8‏:17؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28. 17 لېكىن ئەگەر قېرىندىشىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار. «ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار» ــ شۇ چاغدا «يات ئەللىك»لەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇتپەرەس ئىدى. «باجگىر»لار (رىم ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن خەلقتىن باج ئالىدىغان يەھۇدىيلار) بولسا «رىم ئىمپېرىيەگە سېتىلىپ كەتكەن خائىنلار» دەپ «ئىپلاس ئادەملەر»نىڭ قاتارىدا قارىلاتتى.   1كور. 5‏:9؛ 2تېـس. 3‏:14.
18 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ. «سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ» ــ بۇ سۆز 19:16-ئايەتتىكىگە ئوخشاش، بىراق ئاشۇ يەردە يالغۇز پېترۇسقا ئېيتىلغان. بىز ئەيسانىڭ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئېيتىلغان ھوقۇق پەقەت روسۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتكە تەۋەدۇر. ئەيسا تاپشۇرغان بۇ ھوقۇق: (1) جامائەتتىكى دۇئالاردا ئالاھىدە تىلەش ھوقۇقىنى؛ (2) جامائەت تەرتىپى بويىچە، گۇناھ سادىر قىلىپ، ئەمما توۋا قىلمىغان ئەزالارنى چەكلەش، جامائەتتىن چىقىرىش ياكى ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز (17-ئايەت ۋە -20-19ئايەتنى، «1كور.» 1:5-5، «2كور.» 5:2-11نى كۆرۈڭ).   مات. 16‏:19؛ يـۇھ. 20‏:23.
19 مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. 20 چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن. «ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا...» ــ گرېك تىلىدا «ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىمغا قەيەردە يىغىلغان بولسا...».   لۇقا 24‏:15،36.
 
شەپقەت كۆرگۈچى شەپقەتلىك بولۇشى كېرەك
21 ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ ــ دېدى. لۇقا 17‏:4.
22 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
ــ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم! «يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم!» ــ ياكى «يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم».   مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ كول. 3‏:13. 23 ئەرش پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. 24 ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تالانت پۇل قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. «ون مىڭ تالانت پۇل» ــ بىر «تالانت» ئالتۇن ياكى كۆمۈش تەڭگە ئاز دېگەندە بىر ئىشچىنىڭ يىللىق ھەققىنىڭ 17 ھەسسىسى بولۇپ، 10000 تالانت ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەلكىم ئىككى مىليارد (مىڭ مىليون) دوللارچە بولىدۇ. 25 چاكارنىڭ تۆلىگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، خوجىسى چاكارنىڭ ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشىنى بۇيرۇپتۇ. مات. 5‏:25. 26 شۇڭا چاكار ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ: «خوجام، ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، مەن پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 27 چاكارنىڭ خوجىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ.
28 لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ. «يۈز دىنار قەرزدار» ــ شۇ ۋاقىتلاردا «بىر دىنار» بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولۇپ، يۈز تەڭگە بەلكىم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1300 دوللارچە بولاتتى. 29 بۇنىڭ بىلەن بۇ چاكار بۇرادىرى يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭدىن: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 30 لېكىن ئۇ ئۇنىماپتۇ ۋە: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە زىنداندا ياتىسەن» دەپ ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپتۇ. 31 بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا چاكارلار ئىنتايىن ئازابلىنىپ خوجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.
32 بۇنىڭ بىلەن خوجىسى ھېلىقى چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي رەزىل چاكار! ماڭا يېلىنغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنىڭ ھەممىسىنى كەچۈردۈم. 33 مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ. 34 بۇنىڭ بىلەن خوجىسى غەزەپلىنىپ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلەپ بولغۇچە ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلارنىڭ قولىدا تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. «ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلار» ــ مۇشۇ گۇندىپايلارنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپىسى جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى قىيناش ئىدى.
35 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:26؛ ياق. 2‏:13.
 
 

18:1 مار. 9‏:34؛ لۇقا 9‏:46؛ 22‏:24.

18:3 مات. 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2.

18:4 «ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ» ــ «كىچىك بالىلار» ئادەتتە چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى بىلەرمەن قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ۋە بەلكىم ھەممىدىن مۇھىم ئاتىسىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز ئىشىنىدۇ.

18:4 1پېت. 5‏:6.

18:5 مار. 9‏:37؛ لۇقا 9‏:48؛ يـۇھ. 13‏:20.

18:6 مار. 9‏:42؛ لۇقا 17‏:2.

18:7 «ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

18:7 مات. 26‏:24؛ روس. 2‏:23؛ 4‏:27،28؛ 1كور. 11‏:19.

18:8 قان. 13‏:7؛ مات. 5‏:29،30؛ مار. 9‏:43.

18:10 زەب. 34‏:7؛ لۇقا 15‏:3-7

18:11 «چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى» ــ بۇ ئايەت بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.

18:11 لۇقا 19‏:10.

18:12 لۇقا 15‏:3.

18:15 لاۋ. 19‏:17؛ پەند. 17‏:10؛ لۇقا 17‏:3؛ ياق. 5‏:19.

18:16 «ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن» ــ بۇ سۆز «قان.» 15:19دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

18:16 چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ يـۇھ. 8‏:17؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28.

18:17 «ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار» ــ شۇ چاغدا «يات ئەللىك»لەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇتپەرەس ئىدى. «باجگىر»لار (رىم ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن خەلقتىن باج ئالىدىغان يەھۇدىيلار) بولسا «رىم ئىمپېرىيەگە سېتىلىپ كەتكەن خائىنلار» دەپ «ئىپلاس ئادەملەر»نىڭ قاتارىدا قارىلاتتى.

18:17 1كور. 5‏:9؛ 2تېـس. 3‏:14.

18:18 «سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ» ــ بۇ سۆز 19:16-ئايەتتىكىگە ئوخشاش، بىراق ئاشۇ يەردە يالغۇز پېترۇسقا ئېيتىلغان. بىز ئەيسانىڭ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئېيتىلغان ھوقۇق پەقەت روسۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتكە تەۋەدۇر. ئەيسا تاپشۇرغان بۇ ھوقۇق: (1) جامائەتتىكى دۇئالاردا ئالاھىدە تىلەش ھوقۇقىنى؛ (2) جامائەت تەرتىپى بويىچە، گۇناھ سادىر قىلىپ، ئەمما توۋا قىلمىغان ئەزالارنى چەكلەش، جامائەتتىن چىقىرىش ياكى ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز (17-ئايەت ۋە -20-19ئايەتنى، «1كور.» 1:5-5، «2كور.» 5:2-11نى كۆرۈڭ).

18:18 مات. 16‏:19؛ يـۇھ. 20‏:23.

18:20 «ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا...» ــ گرېك تىلىدا «ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىمغا قەيەردە يىغىلغان بولسا...».

18:20 لۇقا 24‏:15،36.

18:21 لۇقا 17‏:4.

18:22 «يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم!» ــ ياكى «يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم».

18:22 مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ كول. 3‏:13.

18:24 «ون مىڭ تالانت پۇل» ــ بىر «تالانت» ئالتۇن ياكى كۆمۈش تەڭگە ئاز دېگەندە بىر ئىشچىنىڭ يىللىق ھەققىنىڭ 17 ھەسسىسى بولۇپ، 10000 تالانت ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەلكىم ئىككى مىليارد (مىڭ مىليون) دوللارچە بولىدۇ.

18:25 مات. 5‏:25.

18:28 «يۈز دىنار قەرزدار» ــ شۇ ۋاقىتلاردا «بىر دىنار» بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولۇپ، يۈز تەڭگە بەلكىم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1300 دوللارچە بولاتتى.

18:34 «ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلار» ــ مۇشۇ گۇندىپايلارنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپىسى جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى قىيناش ئىدى.

18:35 مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:26؛ ياق. 2‏:13.