9
دانالىقنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى، بۇزۇق خوتۇننىڭ سۆزلىرى 
 1 دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، 
ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. 
 2 ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، 
ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، 
زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ 
 3 دېدەكلىرىنى مېھمان چاقىرىشقا ئەۋەتتى، 
ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ:■ پەند. 8:2 
 4 «ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ 
نادانلارغا: 
 5 قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، 
مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ 
 6 نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، 
يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. 
 7 ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، 
قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. 
 8 ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ 
ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ.■ مات. 7:6 
 9 دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ 
ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، 
بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. 
 10 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، 
مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر.■ ئايۇپ 28:28؛ زەب. 111:10؛ پەند. 1:7 
 11 مەن دانالىق سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، 
ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر.■ پەند. 10:27 
 12 سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، 
دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. 
 13 نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، 
ھېچنېمە بىلمەستۇر.■ پەند. 7:11 
 14 ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، 
شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، 
 15 ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: 
 16 «كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، 
ۋە ئەقىلسىزلەرنى: 
 17 «ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، 
ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ.■ پەند. 20:17 
 18 لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، 
ئۇنىڭ بۇرۇنقى مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس.□  «تەھتىسارانىڭ تەگلىرى» ــ «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر.  ■ پەند. 2:18