10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 
 1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ 
   
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ 
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.
■  2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ 
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.
■  3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ 
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار. 
 4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ 
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.
□  ■  5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ 
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر. 
 6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ 
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
□  7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ 
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار. 
 8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ 
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
■  9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، 
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ. 
 10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ 
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. 
 11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، 
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
□  ■  12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ 
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.
■  13 ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ 
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.
■  14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ 
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار. 
 15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ 
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. 
 16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، 
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.
□  17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ 
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر. 
 18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ 
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.
□  19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، 
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر. 
 20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ 
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.
□  21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ 
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر. 
 22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ 
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. 
 23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ 
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ 
خۇرسەنلىكىدۇر.
□  ■  24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ 
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. 
 25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ 
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر. 
 26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، 
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، 
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.
□  27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، 
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.
■  28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ 
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.
■  29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ 
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.
■  30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ 
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس. 
 31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ 
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار. 
 32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ 
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.