زەبۇر
1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
1 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر!■ زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11
2 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.■ قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1
3 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.□ «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.  ■ يەر. 17‏:8
4 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر.■ ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3
5 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.
 
 

■1:1 زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11

■1:2 قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1

□1:3 «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

■1:3 يەر. 17‏:8

■1:4 ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3