ئەيسانىڭ پالەچ ئادەمنى ساقايتىشى
مات. 9‏:1-8؛ لۇقا 5‏:17-26
1بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن كەپەرناھۇمغا كىردى. ئۇ ئۆيدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىۋىدى، 2شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇ يەرگە يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت دەسسىگۈدەك يەر قالمىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا سۆز-كالام يەتكۈزۈۋاتاتتى. 3مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى. 4ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. 5ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە:
ــ بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
6لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ: 7«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى.
8ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟ 9مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟ 10ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە:
11ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دېدى. 12ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ:
ــ مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، ــ دېيىشتى.
ئەيسانىڭ لاۋىينى مۇخلىسلىققا چاقىرىشى ــ «گۇناھكارلار» بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرۇشى
مات. 9‏:9-13؛ لۇقا 5‏:27-32
13ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى.
14ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
15ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ لاۋىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى. 16ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا:
ــ ئۇ نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېيىشتى. 17بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.  
يېڭى كونىدىن ئەۋزەلدۇر
مات. 9‏:14-17؛ لۇقا 5‏:33-39
18ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
19ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ.    20ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
21ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق كىرىشىپ، كونا كىيىمنى تارتىشتۇرۇپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 22ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىشى كېرەك.
ئىنسانئوغلى «شابات كۈنىنىڭ ئىگىسى»دۇر •••• 23-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
مات. 12‏:1-8؛ لۇقا 6‏:1-5
23بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى يولدا مېڭىۋاتقاندا باشاقلارنى ئۈزۈشكە باشلىدى.    24پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا:
ــ قارا، ئۇلار نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ؟ ــ دېيىشتى.  
25ئۇ ئۇلارغا:
ــ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆزى ۋە ھەمراھلىرى ھاجەتمەن بولغاندا، يەنى ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟    26ــ دېمەك، ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى سوراپ يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟ ــ دېدى.  
27ئۇ ئۇلارغا يەنە:
ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى.  

Notes


2:1 مات. 9‏:1؛ لۇقا 5‏:17.

2:3 مات. 9‏:1؛ لۇقا 5‏:18.

2:4 «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن...» ــ ئاۋۋال ئۆگزىنىڭ كاھىشلىرىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى.

2:7 زەب. 32‏:5؛ 51‏:2-4؛ يەش. 43‏:25.

2:13 مات. 9‏:9؛ لۇقا 5‏:27.

2:14 «باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىي...» ــ «لاۋىي»نىڭ باشقا ئىسمى «ماتتا» ئىدى.

2:15 «داستىخاندا ئولتۇرغاندا» ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا ياتقاندا» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇ چاغلاردا كىشىلەر داستىخان سېلىنغان شىرە ئەتراپىدا يانپاشلاپ ياتقان ھالدا غىزالىنىشاتتى. «نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى» ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار. «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

2:16 «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر...» ــ «پەرىسىيلەر» قاتتىق تەلەپلىك بىر دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئىدى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.

2:17 «ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم» ــ مۇشۇ مۇھىم سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» پەرىسىيلەردەك ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ شۇنداق كىشىلەرنى چاقىرالمايتتى.

2:17 مات. 9‏:13؛ 21‏:31؛ لۇقا 5‏:32؛ 19‏:10؛ 1تىم. 1‏:15.

2:18 مات. 9‏:14؛ لۇقا 5‏:33.

2:19 «توي مېھمانلىرى» ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

2:19 يەش. 62‏:5؛ 2كور. 11‏:2.

2:20 «يىگىت مېھمانلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت.

2:21 «ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ» ــ يېڭى رەخت كىرىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

2:22 مات. 9‏:17.

2:23 «بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ...» ــ «شابات كۈنى» (دەم ئېلىش كۈنى) توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. بۇ شەنبە كۈنى، تەۋرات كالېندارى بويىچە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەربىر ئىنسان ۋە مال-چارۋىلارمۇ شۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش-خىزمەت قىلماي، دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى.

2:23 قان. 23‏:24؛ مات. 12‏:1؛ لۇقا 6‏:1.

2:24 «تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىش» ــ تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن، دېمەكچى. تەۋرات قانۇنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى «خامان تېپىش» «خىزمەت» دەپ قارىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق ئىش دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر مۇخلىسلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى «خامان تەپكەنلىك» دەپ قارىغان. ئەمدى باشاقلارنى ئۈزۈپ يېيىش زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى ئوخشاش ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر مەسىھنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆزى بىرنېمە دېسۇن! «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.

2:24 مىس. 20‏:10.

2:25 «داۋۇتنىڭ... ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى.

2:25 1سام. 21‏:6.

2:26 «ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا» ــ «1سام.» 1:21-7 بويىچە، ئابىياتار رەسمىي باش كاھىن بولمىغان. لېكىن ئىنجىل دەۋرىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، ئىككى ئادەم باشقا-باشقا يەردە بولسا ئىككىسى شۇ رولدا بولۇشى مۇمكىن (مەسىھ يەر يۈزىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە كايافاس ئىسىملىك ھەم ئانناس ئىسىملىك ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «باش كاھىن» ئىدى). «داۋۇت خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى سوراپ يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.

2:26 لاۋ. 24‏:9.

2:28 «ئىنسانئوغلى» ــ مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.

2:28 مات. 12‏:8؛ لۇقا 6‏:5.