120-كۈي •••• ئۇرۇشقاق خەلق ئارىسىدا
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛
ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى.
2ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن،
ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.
3ساڭا نېمە بېرىلىدۇ،
ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك،
ئەي ئالدامچى تىل؟
4ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار،
ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن!
5مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا،
كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي!
6مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛
7مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛
بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ.

Notes


120:1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ــ بۇنداق ماۋزۇلۇق كۈيدىن جەمئىي 15ى بار. بۇنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ ئۈچ خىل پىكرى بار: (1) يېرۇسالېمدىكى ئىككىنچى ئىبادەتخانا ئىچىدە ھويلىغا چىقىدىغان 15 پەلەمپەي بار ئىدى؛ ھېيت ۋاقىتلىرىدا ھەربىر پەلەمپەيدە توختاپ بىر كۈي ئېيتىلغان. (2) يېرۇسالېمغا تاۋاب قىلىش ھېيتىغا بارماقچى (ئىبرانىي تىلىدا بۇ «چىقماقچى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) بولغان يولۇچىلار بۇ ناخشىلارنى ئېيتقان؛ (3) بۇ 15 كۈي ئىسرائىللار بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلىكى (ئىبرانىي تىلىدا «چىققانلىقى»)نى تەبرىكلەيدىغان ناخشىلار ئىدى. بىزنىڭچە ئۈچ پىكىرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن.

120:2 1سام. 24‏:10؛ 26‏:19

120:4 زەب. 11‏:2؛ 59‏:7

120:5 «مەشەك دىيارىدا .... كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا...» ــ «مەشەك» ــ ئىسرائىل زېمىنىدىن ئەڭ چەت جاي دەپ ھېسابلانغان (بەلكىم ھازىرقى مۇسكۋا ياكى تۈركىيە)؛ كېداردىكىلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەرەب قوشنىلىرى ھەم رەقىبلىرى ئىدى. بۇ يەردە ئۇلار بەلكىم خۇدانى ئېتىراپ قىلمايدىغان ھەرخىل ئەللەرنى بىلدۈرىدۇ.